كىرىش
يۇمۇر سالونىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ! ئىزدەش نۇمۇرى yumur_club، ياكى بېكەت ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ قوشۇۋېلىڭ.
  • ئوقۇماڭ
  • بىر بالا مەكتەپتە خىمىيە دەرسىدە تەجرىبىخانىدىكى دورىنى قالايمىقان ئويناپ قولىغا تۆكىۋاپتىكەن ئوتتۇرا بارمىقى تۈپ تۈزلا بولۇپ قېتىپ قاپتۇ. ئۆيگە بىرىپ دادىسىغا كۆرسىتىپتىكەن دادىسى قارىسا ئوتتۇرا بارمىقى تىكلا تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن ئوغلىغا:
    -بالام ، مەكتەپكە بىرىپ شۇ دورىدىن يەنە ئازراق ئەكىلەلىسەڭ ئەتتىگەندە ياستۇقىنىڭ تىگىگە 50 كوي پۇل قويۇپ قويىمەن ،- دەپتۇ. ئوغلى دورىنى ئەكىلىپ بىرىپ ئۇخلاپ ، ئەتتىگەندە ياستۇقىنىڭ تىگىگە قارىسا 250 كوي پۇل تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن:
    - دادا بۇ نىمە ئىش؟- دىسە ، دادىسى:
    -50 كوينى مەن قويۇپ قويدۇم، 200 كوينى ئاپاڭ قويۇپ قويدى.- دىگىدەك .

  • ھېلىقىدەك yumurjan
  • سەۋىيە
  • ھەدەمنىڭ ئىشى چىقىپ قالغاچقا،مەن باشلانغۇچ ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان جىيەنىمنىڭ ئاتا ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتىم.يىغىن ئاخىرلاشقاندا،جىيەنىمنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ناھايىتى خوشال ھەم ھاياجان ھالدا:
    -بۇ شاكىچىكىنىڭ ھېكايە يېزىش قابىلىيىتى بەك ياخشى جۇمۇ……دائىم تاپشۇرغان ھېكايە يېزىش تاپشۇرۇقىنى بەك ياخشى ئورۇنلايدۇ، ئۆزى ئىككىنچى يىللىق بولسىمۇ،سەۋىيىسى تۆتىنچى يىللىق بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە تەڭ،بەك ياخشى يازىدۇ……
    مەن مەكتەپتىن چىقىپ ،بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردۇم-دە،كۈچەپ بىر شورىۋىتىپ،ئاندىن ئۆز-ئۆزەمگە:
    -ئەننەڭنى……مەن كىچىچە ئۇخلىماي،كاللامنى قاتتۇرۇپ يېزىپ بەرگەن ھېكايىنى تۆتىنچى يىللىقنىڭ سەۋىيىسى دەيدا ما خوتۇن!!-دىدىم……ھەي……يىغا تۇتتى يەنە……

  • ئەتراپىمىزدا yumurjan
  • سىسىق گەپ بولا مۇشتا بولا
  • قەشقەر يىڭى بازادا كىرىىش ئىغزىدىكى پايپاق كوچىسىنى ھەممەيلەن بىلدىغۇ ماڭدىغان يول بەك تار بىر ئايال يولغىلا بوۋاقلار ھارۋىسىنى توختىتىپ قويۇپ ما تەرەپتە ياغلىق كۆرۋاتقانىكەن. بىرپايپاقچى بالا ۋاقىراپ قالدى:
    -ۋە، ما ……پويىز چىمنىڭ؟ خاپۇمماي تاتىپ قوياشماملا…
    ھىچكىمدىن سادا يوق يەنە تولاپتۇ:
    -ما باۋما چىمنىڭكى؟ بى تاتىپ قويىلى چەتكىرەك، ئەدەمنى سودا قىغىنى قويماي!-دىگەندىكىن ھىلقى ئاچىمىز:
    -ۋىييەي ئۇكام، خاپۇممىسا مىنىڭكىتى، سىلنىڭ سودا ساراينى توسىۋاپتۇمۇ بۇ؟!-دەيدۇ...

  • قەشقەرچە yumurjan
  • تىلەك
  • بىر جۈپ ئەر ئايال بىر خىسلەتلىك قۇدۇققا تىلەك تىلەشكە كىلىپتۇ. بېشىدا ئەر تىلەك تىلەپ بۇلۇپ 1 يۇەنلىك تەڭگە پۇلدىن بىرنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىپتۇ. كەينىدىن ئايال تىلەك تىلىمەكچى بۇلۇپ قۇدۇقنىڭ بېشىغا كىلىشىگە ئېھتىياتسىزلىقتىن قۇدۇققا چۈشۈپ كىتىپتۇ. ئەر ھەيران قالغان ھالدا:
    -نىمىدىگەن تېز، بىردەمدە تىلىكىم ئورۇندالدى، ھەقىقەتەن قۇدرەتلىككەن،- دىگۈدەك.

  • yumurjan
  • يانچۇقنىڭ ئورنى
  • ساقچى بىر ئوغرىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئوغرىنىڭ ئۆيىدە ئىنتايىن كۆپ زامانىۋى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ژۇرناللىرىنى بايقاپ ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ:
    - بۇ ژۇرناللارنى كۆرۈپ نېمە قىلىسەن؟ كىيىم-كېچەك سودىسى قىلماقچىمىدىڭ؟
    - ياقەي، شۇ يېڭى چىققان كىيىملەرنىڭ يانچۇقى نەدىكىن دەپ...

  • تالانتلىقلار yumurjan
  • ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئايالىم ھەدەپ بالىمىزنى ئۇرۇپ تەلىم تەربىيە ئىشلىگىلى تۇرۇپتۇ. كىچىك بالا ئەمەسمۇ ئاپىسىنىڭ تەربىيە بەرگىنىڭ ھىچ زىيىنى يوققۇ دەپ، قورساق ئېچىپ ئاران تۇرغاندا ئۇدۇللا ئاشخانا ئۆيگە كىردىم، قارىسام قازاندا چۆچۈرە تۇرىدۇ، ئۆزەم بىر چىنە ئۇسۇپ قىززىقىدا ئىچىۋېتىپ چىقسام ئايالىم تېخىچە تەلىم تەربىيە ئىشلىگىلى تۇرۇپتۇ...
    -خوتۇن نىمە ئىش بولدى!؟ بۈگۈن تەلىم تەربىيەنى ئۇزۇنراق بېرىۋەتتىڭغۇ !؟
    -ۋاي ماۋۇ يوغانباش بىردەم ياتاق ئۆيگە كىرىپ چىققىچە قازانغا سىيىپ قويۇپتۇ...
    -نىمە!!!؟؟؟ خوتۇن سەن چارچاپ كەتتىڭ، ئەكىلە، ئۆزەم بىردەم تەلىم تەربىيە ئىشلەي بۇ گۇيغا!

  • ئۆي ئىچى yumurjan
  • خىرىدار:
    -ئۇستام ما ماشىنا قەشقەگە بارامد ؟
    شوپۇر:
    -بارىدا، بارىدا، نەگىرەك بارىتىلە؟
    خىرىدار:
    -ياۋاغدا چۈپ قالتىم، كىراسى نەچىپۇل؟
    شوپۇر:
    -ئاران 50 كوي، چىقسا.
    خىرىدار:
    -ۋاي نىمدا قىژمەت!
    شوپۇر:
    -قىژمەت ئەمەس، ھەممە ماشىنا ئوخشاش چىقسىلا-ھە.
    خىرىدار:
    -سەل ئەزانراق قىپ بەسىلە.
    شوپۇر:
    -غوجام، ما ماشىنىغا مەنتەڭ قاچىلىسا ماڭمايتى، سىلە خاپۇمماي ئىشەككە مىنىپ كەتسىلە جىما !!!!

  • قەشقەرچە yumurjan
  • كىچىك تۇرسام
  • بىر چاشقان گۈل دۇكىنىغا كىرىپ قاپتۇ. چاشقاننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بىر ئاسلان چاشقانغا قىزىقىپ قارىسىغىلا قوغلاپتۇ. قېچىشقا كۆزى يەتمىگەن چاشقان ئالدىغا ئۇچرىغان گۈلدىن بىرنى تۇتۇپ جىم تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئاسلان دەرھال خىجىل بولغان ھالدا تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇپ:
    -ۋېــــــيـــــيـــــەي . . . ئــــەســـــكـــــى، مەن تىخى كىچىك تۇرسام،-دەپتۇ.

  • ئەتراپىمىزدا yumurjan
  • ئاجرىشىش سەۋەبى
  • ــ ئاداش، ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم.
    ـــ نىمىشقا؟
    ـــ بىر يۇمۇر ئېيتىپ بەرسەم ئۇ كۈلمىگەن ...
    ـــ ۋۇي ساراڭمۇ سەن؟ يۇمۇرغا كۈلمىسىلا ئاجرىشامسەن؟
    ـــ لىكىن ئاۋۇ ئىشكاپنىڭ ئىچىدە بىرسى كۈلدى...

  • ياشلار yumurjan

新公网安备 65010602000031号